دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى


2005.11.29

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 2010 - يىلغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونى مۇدىرى شىگەرۇ ئومى باياناتىدا، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئەيدىزگە قارشى يېتەرلىك تەدبىر ئالمايۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، "بىز نېمىنى قىلىش، نىمىنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىمىز، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا قارشى كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالمايمىز؟" دەيدۇ.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى پۈتۈن ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارغا تارقالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىرۇـسى ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى رايوندا ئەيدىز كېسىلى ۋە ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي سورۇنلاردا ئەيدىزگە قارشى قىسمەن بولسىمۇ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشكە باشلىغانلىقىنى " ئىجابىي باشلىنىش،" دەپ باھالىغان ئىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى شىگەرۇ ئومى، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار ۋە پاھىشىلەر ـ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدا يىتەكچىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.