خىتايدا 70 مىڭ كىشى قان بېرىش جەريانىدا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالغان


2005-11-30
Share

خىتاي سەھىيە مىنىستىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا 70 مىڭ كىشى قان بېرىش جەريانىدا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغان.

سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چاڭ بۇ مەلۇماتلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى مەسىلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت نىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ 1998 ‏-يىلدىكى "قان بېرىش قانۇنى" نى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن قان بەرگۈچى ۋە قان قوبۇل قىلغۇچىلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 70 مىڭ كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

90‏- يىللىرى خىتايدا ئارقا‏-ئارقىدىن قان بېرىش جەريانىدا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت 1998‏- يىلى "قان بېرىش قانۇنى" ئېلان قىلىپ، قان بېرىش ئورگانلىرى ۋە قان بېرىش جەريانلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر 98‏- يىلدىن ئاۋالقى ئەيدىز بىمارلىرىنى ھەقسىز داۋالاش ۋە ئەيدىز يېتىم بالىلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇشتەك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قان بېرىش جەريانىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان نۇرغۇن كىشىلەر خېلىدىن بېرى ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنى چەتكە قېقىپ كەمسىتكەنلكىنى ئەيىبلەپ كەلگەن. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت