خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
2006.03.08
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىككى يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان 10 نەچچە نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئىككى يىغىن ئېچىلىشتىن تەخمىنەن 2 ھەپتە ئاۋال بىر قىسىم ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئالغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا، كومپيۇتېر پروگرامما تۈزگۈچى ئوۋياڭ شياۋروڭ ۋە ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر قانچە پائالىيەتچى بار ئىكەن.
بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇلارنى ساقچىلار كېلىپ تۇتۇپ كەتكەن بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى تېپىلمىغان. ئۇلار ھەتتا ئىككىنچى ئايدا ئېلىپ بېرىلغان كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىكەن. شۇنداقلا ھازىرغىچە ھېچقايسى ساقچى ئورۇنلىرى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا ھەرىكەت قىلغان بۇ پائالىيەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشكە چاقىردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ 4 - ئىيۇن مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىدا بۇ يىل يەنە رېكورت ياراتتى









