ب د ت خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئەيدىز توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى


2006.12.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب د ت سەھىيە ئورگىنى 1 - دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بۇ دۆلەتلەرئەيدىزگە قارشى جىددىي تەدبىر ئالمىسا، ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاسىيادا 8 مىليون 600 مىڭ كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا 65 مىڭ كىشىنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 30 % كۆپەيگەن. ب د ت ئەيدىز پروگراممىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىلى رېينولدان، خىتاينىڭ ئەيدىزگە قارشى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "خىتايدا ياشلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى تونۇشى يەنىلا توغرا ئەمەس. ئۇلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ تېز كېڭىيىۋاتقان جاي ھېسابلىنىدۇ. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "رايوندا ئەيدىز ۋىرۇسى ھەر كۈنى 17 كىشىگە يۇقماقتا ". بولۇپمۇ رايوندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يولى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ۋە پاھىشىلىك قىلىشتەك غەيرى نورمال يوللاردىن ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتكە كۆچۈشكە باشلىغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، زەھەرلىك چېكىملىك، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتلەر ئەيدىزنىڭ ئاسىيادا يامراپ كېتىشىنى كۈچەيتمەكتە، دەپ ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.