بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تولۇق كۇرس بويىچە 42 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ - 1 كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2- ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ مەخسۇس كۇرسلار بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان. بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 28 كۈن داۋام قىلدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسلىرىغا 42 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى يىلدىن - يىلغا ئازىيىپ بارماقتا.
2005 - يىلى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سانى بۇ رايوندىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنىڭ 30 % گە يەتمىگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدە ئائىلىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىش تاپالماسلىق مەسىلىسى مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن. (ئەركىن)