ئامېرىكا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان " ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2008 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان " ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.09.20

 خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ئۈزلىكسىز ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكلاتتا، " تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش دىنىي گۇرۇھلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مىللى مەدىنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئىجتىمائىي كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا،" دەپ ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، "ھۆكۈمەت رۇخسەتسىز دىنىي كىتاپلار ئوقۇغان ياكى ساقلىغان، ھۆكمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ بەلگىلەنگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىمەكتە" دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى كونكىرىت دىنىي دېلولارمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسى ئۈستۈنكى قۇمئېرىقتىكى بىر مەسچىتنىڭ قانۇنسىز سېلىنغانلىقى ۋە رۇخسەتسىز ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى تۈپەيلى چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج ئىبادىتىگە چەكلىمە قويۇلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوكلاتتا، 2007 - يىلى ھەج قىلغان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ سانى جىددى ئازلىغانلىقى، 2007‏ - يىلى ھەج قىلغان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ 2006 - يىلقىدىن 3100 كىشى ئازايغانلىقىنى تەكىتلىگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.