ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۈنۈملۈك نەتىجە بەرمىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.27
2008.05.27
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنستىرى دېۋىد كرېمەر دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنى ئۈمىدۋار ياكى ئۈمىدسىز دەپ تەسۋىرلىيەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كېلەركى ھەپتىلەر ۋە ئايلار ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەر نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە، خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى سەزگۈر مەسىلىلەر ھېسابلانغان، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، دىنىي ئەركىنلىك ھەمدە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنستىرى دېۋىد كرېمەر، خىتاي سەپىرىنىڭ ھارپىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 2002 - يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى، خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇ سۆھبەتلەرنى بىكار قىلىۋەتكەن ئىكەن. لېكىن ئۆتكەن يىلى بۇ سۆھبەتلەرنى قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلغان.