خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسى بىروسىنىڭ دائىمى ئەزاسى، سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 16 ۋە 17 - ئىيۇل كۈنلىرى ئىچكى موڭغولنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە چاقىرىغان مىللەتلەر خىزمىتى تەجىربە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۈرۈشنى تەكىتلىدى ۋە بۇ تۈزۈم جوڭگودا مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىشنىڭ زور ئىجادىيىتى، دەپ كۆرسەتتى.
جيا چىڭلىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆزگۈرۈشچان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ جىددى رىقابىتىگە تاقابىل تۈرۈش ئۈچۈن، مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدكەن. ئۇ، "مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايونلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،" دەيدۇ.
مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى مىللەتلەر ئىچىدە جىددى تالاش -تارتىش قىلىنىۋاتقان ۋە بۇ تۈزۈمنىڭ بۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزىۋاتقان مىللەتلەرنى قانچىلىك مەنپەئەتدار قىلىۋاتقانلىقى گۇمان بىلەن قارىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئايدا مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، جوڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئىستىراتىگىيىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمايىل ئەمەت باشچىلىقىدىكى بىر ئۈمەكنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 مىللىي رايوندا 7 - ئايدىن 9 - ئايغىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكالىدى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكى مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونوم ھوقۇقى يۈرگۈزىۋاتقان مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىچكى موڭغولدا چاقىرىغان يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭلېچۈئەن ئىشتىراك قىلغان. (ئەركىن)