خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
2005.09.01
خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ھەربىي كونتروللۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال كونترول قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ يەن، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ، خىتاينىڭ مەركىزىي مەنپەئەتىگە بېرىلىپ تاقىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، جاڭ سۆزىدە گەرچە ئامېرىكىنى بىۋاستە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىگە مەلۇم، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ بىردىن-بىر قوغدىغۇچىسى ھەمدە بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇنغان ئىدى.
تەيۋەن مەسىلىسى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۈشكۈل بىر مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىككىلا تەرەپكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا. لېكىن ئامېرىكا يەنىلا تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، بۇش ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى تەيۋەن بىلەن 18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ھەربىي سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەن ئۇرۇش پاراخوتىنى بۇ يىل يەتكۈزمەكچى
- تەيۋەن، دۇنيادىكى سىياسىي تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر تەشكىلات قۇرغان
- تەيۋەن ب د ت نىڭ ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى
- تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتاي - رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىنى دىققەت ئېتىبارى بىلەن كۆزىتىدۇ