خىتاي بۇ يىل جىددى ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى

خىتايدا چىقىرىلىدىغان ئىقتىساد گېزىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، شەنبە كۈنى خىتاي دۆلەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا "خىتاي چەتئەللەردىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىش بىلەنلا دۇچ كېلىۋاتقان جىددى ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ بىلدۈرگەن.

باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 2007 - يىلى خىتايدا ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى يەنىمۇ جىددى بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى ئىنتايىن چوڭ بېسىم ھېس قىلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە خىتايدا ئاشلىق جىددىچىلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللار، دېھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ ئازلىقى، ئاشلىق سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى قاتارلىقلار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈزلىنىۋاتقان ئاشلىق جىددىيلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىشنى تۇراقلاشتۇرۇش، تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تېخنىكىنى يېڭىلاپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بوز يەرلەرنى ئېچىش ھەمدە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى بېكىتكەن.

كۈزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە 23 مىليون مو بوز يەر ئېچىشنى قارار قىلىشىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق جىددىچىلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان تەدبىرىنىڭ بىرى ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ نېفىت ھەمدە پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپلا قالماي يەنە ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانماقتا. (گۈلچېھرە)