"يېڭى بېيجىڭ گېزىتى" نىڭ باش تەھرىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى


2005.12.29

خىتاي ھۆكۈمىتى، كىشىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ۋە ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇيدىغان "يېڭى بېيجىڭ گېزىتى" نىڭ باش تەھرىرى ياڭ ۋۇ بىلەن ئىككى نەپەر مۇخبىرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئوسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ياڭ ۋۇنىڭ نىمە سەۋەبتىن ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلانغانلىق ھەققىدە ئېنىق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن، بىراق بېيجىڭدىكى بىر ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى خادىملىرى مەزكۇر گېزىتنىڭ كۆپ قېتىم خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىكەن.

خەۋەردە يەنە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتلارغا قاراتقان كونتۇرۇللىقىنى قاتتىق كۈچەيتەكەن بولسىمۇ، بىراق " يېڭى بېيجىڭ گېزىتى" جەمئىيەتتىكى ئەڭ قاراڭغۇ تەرەپلەرنى تارتىپ چىقىرىپ، بۇ ھەقتە ئوبزور ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى بىلەن داڭ چىقارغان.

مەزكۇر گېزىت تۇنجى بولۇپ، بۇ يىل 6 - ئايدا خېبېي دىڭ جودا، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىنى ھەمدە بۇ جەرياندا 6 دېھقاننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.