چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جوڭگودىن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى


2006.08.07

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جوڭگو دائىرىلىرىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى پات يېقىندا 2008 يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېچىلماقچى. سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا دەل 2 يىل قالىدۇ. گەرچە جوڭگو ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە مەيلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تەشكىللەش كومىتېتى ياكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بولمىسۇن، بۇ ئورگانلارنىڭ ھىچ بىرى ئولىمپىك يىغىنىنى خەۋەر قىلىدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا ياكى خەۋەرلەرنى ئەركىن بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلالمىدى، دەيدۇ.

جوڭگو ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرىش ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى خەۋەر قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش مەسىلىلىرىدە سىناققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. جوڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىمىز، دېگەن بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.