خىتاي ژورنالىستلارنى قاماش جەھەتتە دۇنيا بويىچە باش تۈرمە


2006.12.08

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 8 يىل ئىچىدە سوتلىماي جازا ھۆكۈم قىلىپ قامىغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 31. بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەركىن پىكىر قىلغان كىشىلەر.

نيۇيورك شەھىرىدىكى ژۇرنالىستلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان راي سىناشتا، كىشىلەر خىتاينى دۇنيا بويىچە ژۇرنالىستلارنى سوتلىماي جازا ھۆكۈم قىلىپ قامايدىغان باش تۈرمە، دەپ باھالىغان. ئادەتتە ژۇرنالىستلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى خىتايدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

فرانسىيىدىكى مۇخبىرلار تەشكىلاتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى تىبەت دىندارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 كىشىنى 'مەخپى گېزىت چىقارغان' دەپ ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان، بۇلارنىڭ دېلوسى 50 دىن ئارتۇق كىشىگە چېتىلغان. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 ‏- ئايدا 31 نەپەر ژۇرنالىستنى تۇتقۇن قىلىپ، سوتلىماي تۈرمىگە سولاپ قويغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.