خىتايدا ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 54 ئادەم ئۆلدى


2004.11.21

خىتاي شەرقىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتۇۋ شەھىرىدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھادىسىگە ئۇچراپ، جەمئىي 54 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باۋتۇۋدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان مەزكۈر ئايرۇپىلان باۋتۇۋ شەھىرىدىكى بىر كۆلگە چۈشۈپ ھالاك بولغان.

بۇ قېتىمقى ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدىكى 47 نەپەر يولۇچى ۋە 6 نەپەر ئايرۇپىلان خىزمەتچى خادىمىنىڭ ھەممىسى قازاغا يولۇققاندىن سىرت، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىش جەريانى يەنە بىر قىسىم ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىپ، يەر يۈزىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە قازاغا يولۇققانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتى بايقالغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئىنىقلىماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.