خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ كز6901 بەلگىلىك يولۇچى ئايرۇپىلان گۇرۇپپىسىغا 'يەتتىنچى مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچقان ئايرۇپىلاندا تېررورچىلىق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى' دەپ 400 مىڭ يۇئەن مۇكاپات بەردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇئەن شۇ قېتىمقى ئايرۇپىلان لەنجۇدا توختاپ ئۆتكەن ۋەقەنى 'شەرقىي تۈركستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان تېررورچىلىق ھەرىكىتى'دەپ قايتىدىن تىلغا ئالغان.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 7 - مارت كۈنىدىكى ئايرۇپىلان ۋەقەسىنى 19 ياشلىق، كۇچارلىق ئۇيغۇر قىز پەيدا قىلغان. ئۇ قىز ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىققان ئىچىملىك قۇتۇسىغا بېنىزىن قاچىلاپ، بېنىزىن پۇرىقىنى ئەترە بىلەن يوقىتىشقا تىرىشقان، ئەمما ئايرۇپىلان خادىملىرى بۇ قىزنى دەرھال تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئايرۇپىلاننى پارتلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەن. (ۋەلى)