چوڭچىڭ تېگاڭ ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشى باستۇرۇلدى ۋە ئىككى ئادەم ئۆلدى


2005.10.07

چوڭچىڭ تېگاڭ زاۋۇتىدىكى ئىشتىن بوشۇتۇلغان نەچچە مىڭلىغان ئىشچىلار ئىككى ئايدىن بېرى نامايىش ئۆتكۈزىۋاتقان ئىدى. پەيشەنبە كۈنى ئەتتىگەن ئۇلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا تىنچ ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەندە، ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇلدى. ئۇلار كەچتە يەنە زاۋۇتنىڭ سىرتىدىكى دۆلەت تاشيولىدا كېچىچە ئولتۇرۇپ قارشىلىق بىلدۈردى.

خىتايدىكى بوشۇن تور بېتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدا، ساقچىلار يولنى توسىۋالغان نامايىشچىلارنى مەجبۇرىي ئىككى ياققا تارقىتىپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. نۆۋەتتە مىڭدىن ئارتۇق جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە توپىلاڭنى باستۇرۇش ساقچىلىرى يولنى مۇھاپىزەت قىلماقتا. ئەمما رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، جۈمە كۈنى چۈشكىچە نەق مەيداندا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بار بولۇپ، بۇ نامايىشچىلارنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكتىن، ئۇلار تەشكىلسىز ھالەتتە قالغان.

قانلىق باستۇرۇش

چوڭچىڭ تېگاڭ زاۋۇتىدىكى خې پامىلىلىك ئىشچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئەتىگەن ئالتە يېرىمدىن باشلاپلا ئادەم تۇتۇش ۋە ئۇرۇشقا باشلىغان. نەتىجىدە ئىككى نەپەر ياشانغان ئايال ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"بۈگۈن ئەتىگەن ئالتە يېرىمدىن باشلاپ ساقچىلار ئادەم تۇتۇشقا باشلىدى. ئۇلار ئۈچ نەپەر ئىشچىلار ۋەكىلىنى تۇتۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى نامايىشلارغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چېن يىڭمىڭ. قالغان ئىككىسىمۇ ۋەكىللەر. سەككىز يېرىملاردا ئىككى يۈزدىن ئارتۇق پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار نەق مەيدانغا كىلىپ، ئىشچىلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئىككى ساقچىلار ماشىنىسىنى ئۆرىۋەتتى. ئارقىدىنلا 200 دىن ئارتۇق توپىلاڭنى باستۇرۇش ساقچىلىرى كەلدى. كۆرگەنلا كىشىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر دوختۇرخانىغا ئاپارغان كىشىلەرنىڭ سانى 24 كە يىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئۆلدى. بىرى يەتمىش ياشلىق يەنە بىرى 50 ياشلىق. ئىككىلىسى ئايال".

ئەھۋالدىن خەۋەردار پېنسىيىگە چىققان بىر ئىشچىمۇ، ۋەقەدە ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى " ئۇلار ئادەملەرنى قالايمىقان ئۇرۇپ، تىپىپ، ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. يەنە بىر قانچىلىرىنى يارىلاندۇردى" .

پىنسىيىگە چىققان يەنە بىر ئىشچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زاۋۇتتىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پەيشەنبە كۈنى ئىشچىلار نامايىش ھەققىدە " قانۇنسىز يىغىلىش، ئۇلار يولنى توسىغان، ئىشىكنى توسىغان " دەپ خەۋەر بەرگەن.

مۇخبىرىمىز چوڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، قوماندانلىق مەركىزى مەلۇمات بېرىشنى قوپاللىقچە رەت قىلدى.

ئىشتىن بوشىتىلغان ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى ھەرىكەتلىرى

مەزكۇر چوڭچىڭ تېگاڭ (ئالاھىدە خىللىق) پولات- تۆمۈر زاۋۇتى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئەسلى مەيدانى تۆت يېرىم كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى بار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ زاۋۇت ئىدى. مەزكۇر زاۋۇت 7 - ئايدا ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىشتىن بوشۇتۇلغان ئىشچىلار ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىنى باشلىغان. ئىشچىلار ئۆز ۋەكىللىرىنى سايلاپ ۋە مەسىلە كۆرۈلگەن ۋەكىللەرنى تازىلاپ ، بىر نىشان ۋە بىر سىياسەتتە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار يەنە ئىچىدىن ئاكتىپلارنى تەربىيىلەپ، ئىئانە توپلاش يولى ئارقىلىق، نامايىشىنى تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.

ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى

ئىشچىلار نامايىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەققىدە بالدۇرقى مەلۇماتلاردا، مەزكۇر زاۋۇتنىڭ، بۇ يىل 7 - ئايدا ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشاتقاندا، ئۇلارنىڭ سوغۇرتا مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان دېيىلگەن ئىدى.

تېگاڭدىكى ياشانغان ئىشچىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈشىچە، زاۋۇت بانكىرت بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، دۇڭخۇئا دەپ شىركەت قۇرغان بولۇپ، دۇڭخۇئا شىركىتى تېگاڭنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن. كۆپچىلىك بۇنىڭ خىيانەتچىلىك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىدىن گۇمانلانغان. چۈنكى دۇڭخۇئا شىركىتى، زاۋۇتنىڭ ئەسلىھەلىرى، يېرى، ئۆيى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر زاۋۇت قانۇن بويىچە ۋەيران بولغان بولسا، چوقۇم بۇ مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەممىگە بۆلۈپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ھازىرقى مەسىلە، ئۇلار بۆلۈپ بېرىش ئەمەس، ھەتتا بۇ مۈلۈكلەرنى سېتىشقىمۇ ئۇنىمىغان.

دۇڭخۇئا شىركىتىنى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شەھەرلىك ئىقتىساد كومىتېتى بىلەن يەنە بىرەيلەن بىرلىشىپ ئېچىۋاتقان ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ شىركەت ھەر ئايدا نۇرغۇن پۇل زىيان تارتىۋاتقان بولۇپ، بۇ شىركەت زاۋۇتنىڭ بارلىق مۈلۈكلىرىنى يوققا چىقىرامدۇ قانداق، بۇنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئىشچىلار نامايىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەققىدە بالدۇرقى مەلۇماتلاردا، مەزكۇر زاۋۇتنىڭ، بۇ يىل 7 - ئايدا ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشاتقاندا، ئۇلارنىڭ سوغۇرتا مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان دېيىلگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.