ب د ت ئالى كومىسارى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى


2005.09.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئالى كومىسارى لۇئىس ئاربور، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھەر بىر دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمىنى كۆزدىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق رامكىسىنىڭ ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا ئۆلچىمى بار. مەن ئۆزەمنىڭ يولىدا ماڭىمەن دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس." 2 - سېنتەبىر لۇئىس ئاربورنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان بەش كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى.

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان بىر خەلقئارا يىغىندا خىتاي دۆلەت كومىسارى تاڭ جياشۈئەن، " ھەر بىر دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش يولىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە بەلگىلىشى كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇ لۇئىس ئاربورنىڭ خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كېلەچەك يىللاردا ئىلگىرلەشكە ئېرىشىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لۇئىس ئاربورنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقلار ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشقا "جىددى" يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىكەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا مەزكۇر ئەھدىنامىنى خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا، تەستىقلانمايدىغان ماددىلارنى ئەڭ ئاز سانغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتغا ئىھتىياجىمىز بار، دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ، " مەن دائىرىلەرنى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئاساسى بولغان بۇ ئەھدىنامىدىكى بەزى ماددىلارنى تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي قويماسلىققا چاقىرىمەن،" دىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.