بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشمەكتە

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇئىس ئاربور (Louise Arbour) خانىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، مەزكۇر جايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ساقچىلار دوقمۇش - دوقمۇشتا پوستا تۇرىدىغان ھەتتا سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇلارنى پايلاپ سوراق قىلىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئومۇملاشقان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە يۇقىرىلاپ ئەرز سۇنماقچى بولغان بىر خىتاي پۇقراسى، ساقچىلارنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى كەينىگە كىرىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

“ھازىر بېيجىڭنىڭ ئەھۋالى بەكمۇ جىددىي، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، نەگىلا بارسام ساقچى كەينىمدە، يەنى قەدەمدە بىر ساقچى يولۇقۇپ تۇرغان. ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچى، قوراللىق ساقچى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بار”.

گەرچە بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى شۇ قەدەر جىددىي ھالەتتە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر يەنىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى بىلەن كۆرىشىشنى ئارزۇقىلىپ پۇرسەت ئىزدىمەكتە. مەسىلەن، شاڭخەيدىن بېيجىڭغا كېلىپ ناھەق مەسىلىلەر ھەققىدە يۇقىرىلاپ ئەرز قىلماقچى بولغان كىشىلەر سانى 80 دىن ئاشقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شاڭخەيلىك جۇ يالى خانىم ئۆزىنىڭ 50 نەچچە كىشى بىلەن بىرلىكتە “خەلق گېزىتى” ئىدارىسىغا كېلىپ ناھەقچىلىكلەر ھەققىدە ئىنكاس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر نەپەر ئۆكتىچى چەي ۋېنجۈن ئەپەندى گەرچە بۇندىن ئىلگىرى يۇقىرىلاپ ئەرز سۇنغانلىقتىن، بىر يىل قاماقتا ياتقان بولسىمۇ، بۇدا يەنە بىر قېتىم بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئەگەر پۇرسەت بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئىنكاس قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە ئىمزا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنى ھە دېسىلا سوراق قىلغان ۋە 24 سائەت نازارەت قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى ئۇرۇپ قىينىغان.

مەسىلەن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ ۋېنجۇ خانىم، ئىشخانىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قايتا -قايتا تەكشۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭدىكى ليۇ دﯤ، ليۇ شياۋ بو ۋە خۇ جيا قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ يەنە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارەت ئاستىدىكى داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندىنى قاتتىق ئۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىغا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا قىلمىشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇئىس ئاربور خانىم ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭغا قىلغان زىيارىتىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دىلولار ھەققىدە توختالغانلىقىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش پىكىر بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. لۇئىس ئاربور خانىم ئۆزىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان خىتايدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئەربابلىرى ۋە روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)