بېيجىڭ دائىرىلىرى ماۋزېدۇڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 32 يىللىقىنى داۋراڭ سالمىدى

9 - سېنتەبىر كۈنى جۇڭگو كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى ماۋزېدۇڭ ۋاپاتىنىڭ 32 يىللىق خاتىرە كۈنى. ھالبۇكى بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ كۈنگە ئىنتايىن تۆۋەن كەيپىياتتا مۇئامىلە قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.09

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ماۋزېدۇڭغا قانداق باھا بېرىش، كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىدىغان ئىنتايىن نازۇك مەسىلىنىڭ بىرى دەپ كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە خىتايدىكى بىر قىسىم تور ئابونتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ماۋزېدۇڭ ۋاپاتىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تور مۇلاھىزىچىسىنىڭ" خەلق ماۋزېدۇڭنى ئۇنتۇمايدۇ" دەپ يازغان تېمىسىمۇ چۈشەندۈرۈش بېرىلمەيلا ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. شۇنداقلا نۇرغۇن مۇلاھىزە تور بېكەتلىرىدە ئوخشاشلا ماۋزېدۇڭ تېمىسىدىكى مۇلاھىزىلەر تاقالغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاممىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقوقىغا دەخلى تەرز قىلىدىغان بۇ خىل قىلمىشى تور مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغان.

خىتاي ئىشچىلار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى چەن يۈئەنجاڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بۇ مەسىلە ھەققىدە " خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ماۋزېدۇڭنى ئەسلەيدىغانلار بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار چوقۇم ئېزىلگەن مەزلۇملار،بۇ مەزلۇملار بولسا ئاساسەن ماۋزېدۇڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە قۇل قىلىنغان ئىشچىلار سىنىپى، ئۇلار بۈگۈنكى جەمئىيەتنى ئادالەتسىز دەپ قارايدۇ،" دېگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئېچىۋېتىش ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ماۋزېدۇڭ ھەققىدە ھەمدە ئۇنىڭ تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى قاتتىق چەكلىگەندىن باشقا، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەمدە ئوڭ ۋە سولچىلار كۈرەشلىرى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ ئاشكارا پىكىرلىشىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە. ھەتتا ماۋزېدۇڭنى مەدھىلىگۈچىلەرمۇ، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن نارازى بولغۇچىلار دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ ماۋزېدۇڭ ۋاپاتىنىڭ 32 يىللىق خاتىرىسى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.