بېيجىڭ ساقچىلىرى ئەركىن قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىلىشىنى باسىتۇرۇشى مۇمكىن


2007.12.21

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا، 19- دېكابىر شاڭخەي شەھەرلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى پۇدۇڭ رايونلۇق تارمىقىنىڭ مەخپىي خادىملىرى، شاڭخەيلىك يازغۇچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لى جيەنخۇڭنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغان.

شاڭخەي مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ لى خانىمغا بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ 22- دېكابىر بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتاي ئەركىن قەلەمكەشلەر يىغىلىشىغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قولغا ئالغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، لى خانىم 14- دېكابىردىن باشلاپ كەينىگە ئادەم چۈشكەنلىكىنى بايقىغان. 15- دېكابىر ئۇ ساقچىلارنى ئېزىقتۇرۇش ئۈچۈن دوستىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان ھەمدە مۇشۇ ھەپتىدە ئوي كۆچۈشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، 18- دېكابىر مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنى بىر ياقىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئۆيىگە قايتقان.

شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بىر بۆلەك پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار لى خانىمنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇنى ئۆيىدە نەزەر بەند ئاستىغا ئالغان ۋە 19- دېكابىر لى خانىم ۋە ئۇنىڭ دادىسىنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، لى خانىم ھازىر بىر مېھمانخانىدا نەزەر بەند ئاستىدا ياتماقتا ئىكەن. ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى بېيجىڭدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ 25- دېكابىرغىچە قويۇپ بېرىلمەيدىكەن.

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، بېيجىڭ ساقچىلىرى 22- دېكابىر ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەركىن قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىلىشىنىمۇ بېسىقتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.