تەيۋەن خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى" گە قەتئىي قارشىلىق بىلدۈردى
2005.03.08
خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى تەيۋەنگە قارىتىلغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى" نى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلدى. تەيۋەن بولسا بۇ قانۇن لايىھىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جاۋگو " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى" نى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ تىنچ ھالدا تەيۋەن بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ يەنە تەيۋەن مۇستەقىللىققا قاراپ ماڭغان شارائىتتا، " تىنچلىقسىز" ۋاستىلارنى قوللىنىشتىن باش تارتمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى چيۇ تەيسەن خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىگە قەتئىي قارشى چىقىپ، "بۇ خىتاينىڭ قورال كۈچى بىلەن تەيۋەننى يۈتىۋېلىش نىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ قانۇن لايىھىسى ئەمېلىيەتتە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىگە تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشنىڭ يول خېتىنى يېزىپ بەرگەنلىك" - دېدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى" كىلەر دۈشەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدۇ. بۇ ئارىدا، تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل ئاپرىلدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەگەر بېيجىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى چىقارسا، تەيۋەن ئىككى قىرغاق سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدۇ
- خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى"قىزىق تېمىغا ئايلاندى
- تەيۋەن ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى "يۈتۈۋېلىشقا قارشى قانۇنى" نى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى
- چېن شۈيبيەن، بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇننىڭ ئىككى قىرغاقنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي رەھبەرلىرى تەيۋەننى بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندىدى