خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى ماقۇللىدى


2005.03.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي ئارمىيىسىگە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەييار بولۇشىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى 10 - نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىينىڭ 3 - ئومۇمى يىغىنىدا قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ماقۇللىغى بىلەن قوبۇل قىلىنغان. ھېچقانداق ۋەكىل قانۇنغا قارشى چىقمىغان .

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇننىڭ مەقسىدى تەيۋەن بىلەن قايتىدىن بىرلىشىشنى رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، چەت دۆلەتلەرنى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى .

ئەمما، مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىي تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى بىر تەرەپتىن تەيۋەننى غەزەپلەندۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرپتىن ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنى ئەندىشىلەندۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولىدا تاشلايدىغان ھەرقانداق قەدىمىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھەرىكەت، بۇ ھەرىكەت رايوندىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرىۋىتىشى مۇمكىن، دېدى .

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى سكوت ماكمىلان دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، " بىز دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھەرىكەت دەپ قارايمىز. مەزكۇر قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى، تەيۋەن بوغوزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋامى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ھەرىكەت ئەمەس، دېدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت