خىتاي، تەيۋەننى جىددىي ۋەزىيەت ياراتتى دەپ ئەيىپلىدى


2005.03.27

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى، بېيجىڭنىڭ يېڭىدىن چىقارغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" غا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، جىددى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئۇرۇندى، دەپ ئەيىپلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق شىنخۇئا ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، " تەيۋەندىكى مۇستەقىلچى كۈچلەر، تەيۋەن بوغىزىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىد" دەپ كۆرسەتكەن. ئوبزوردا يەنە، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنىدىكى تىنچلىقسىز ۋاستىلار تەيۋەندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارىتىلغان. تەيۋەن خەلقىگە قارىتىلغان ئەمەس" دېيىلگەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، نەچچە ئون مىڭلىغان نامايىشچىلار بىلەن بىرلىكتە شەنبە كۈنى تەيبېي كوچىلىرىغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" غا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ قانۇندا تەيۋەن ھەقىقىي مۇستەقىللىققا قاراپ ماڭغان شارائىتتا، تەيۋەنگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بەلگىلەنگەن.

تەيۋەننىڭ ھاكىمىيەتتىكى دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى، شەنبە كۈنىدىكى نامايىشنىڭ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا تەيۋەننىڭ بىردەك ئۇيۇشقاقلىقىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىلار تەيبېيدا ئوخشاش بولمىغان 10 لىنىيىنى بويلاپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلغان. ئۇلار تەيۋەننىڭ دېموكراتىيىسى ۋە تىنچلىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي بولسا، تەيۋەننى ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.