خىتايدا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلاشماقتا
2007.04.09
كۆمۈر قالايدىغان زاۋۇتلار ۋە كېرەكسىز سۇ يوللىرى خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشىنى كۈنسايىن ئېغىرلاشتۇرۇپ، خىتاي يېزا ئىگىلىكىگە نەچچە مىليارد دوللارلىق زىيان ئېلىپ كەلمەكتە.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 9 - ئاپرىل خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى 12 مىليون توننا دانلىق زىرائەت ئېغىر مېتال ماددىلار بىلەن زەھەرلىنىدىغان بولۇپ، بۇ 20 مىليارد يۈەن ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە يەنە، خىتايدا 10 مىليون گېكتار تېرىلغۇ يەر خاراب قىلىنغان بولۇپ بۇ خىتاي ئومۇمى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 10 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشى ۋە خاراب بولۇشىدا خىتايدىكى كۆمۈر سانائىتىنىڭ تەسىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، خىتايدا ھەر يىلى 2 مىليارد توننا كۆمۈر كۆيدۈرۈلۈپ، 2 مىڭ توننا ئەتراپىدىكى سىمابنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايدىكى مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتاتلار دېگۈدەك خىمىيىۋىي ئوغۇت تەركىبىدىكى ئازوتلۇق تۇز بىلەن زەھەرلەنگەن ئىكەن. خىتايدا بۇرۇن بېرىلگەن خەۋەرلەردە 70 پىرسەنت سۇي يوللىرى ۋە 90 پىرسەنت يەر ئاستى سۇيى بۇلغانغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەر-تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى ھەققىدىكى مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنماي كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يەر-تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن. بۇلارنى ئاساسەن، خىمىيىۋىي ئوغۇت قالدۇقلىرى، كۆمۈر قالاش، ئەڭ ئەجەللىك يېرى ئاتوم رادىئاتسىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇلغىنىش ئۇيغۇر ئېلىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقان مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىغا ھەرخىل تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۈتۈن دۇنيادا خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان دېڭىز يۈزىدىن 10 مېتىر تۈۋەن جايلارنىڭ 75% ى ئاسىيادا
- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا بۇلغىغۇچى خىتاي
- خىتايدا يەر-زېمىن داۋاسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- خىتاي خەلق قۇرۇلتېيى "مال - مۈلۈك قانۇنى" نى ماقۇللىدى
- مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا يېڭى مۈلۈك قانۇنى ماقۇللىنىشىنى تەۋىسىيە قىلماقتا