ھىندىستان-خىتاي چېگرا سۆھبىتى يەنە باشلاندى


2007.01.17

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 17 ‏- يانۋار كۈنىدىن باشلاپ قايتىدىن سۆزلىشىشكە باشلىدى. ھىندىستان دۆلەت مەسلىھەتچىسى نارايانا بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەينىڭ ئىككى كۈنلۈك يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبىتى ئەتە باشلىنىدۇ.

خىتاي -ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى ئاسىيادىكى بىر چوڭ مەسلە ھەم مۇرەككەپ مەسىلە. بۇ مەسىلە كۆلىمى 125 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنگە تاقىلىدىغان مەسىلە، بۇ مەسىلە تۈپەيلى، ھىنىدىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1962 ‏- يىلى جىددىي ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئىدى. گەرچە بۇلتۇر 11 ‏- ئايدا، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 2010 ‏- يىلىدىن بۇرۇن 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق خىتاي -ھىنىدستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كېڭىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما چېگرا سۆھبىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.