خىتاي چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىقتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى چېننىڭ ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىشىنى توساشقا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، " خىتاي تەيۋەن رەھبىرىنىڭ ھەر قانداق نام ياكى باھانە بىلەن ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىشىىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ" دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكا-خىتاي 3 بىرلەشمە باياناتىغا رىئايە قىلىشى ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتچى چىن گاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل تۈردە بىر خىتاي پرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن خەلقئارادا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىشىغا يول قويالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن بۇ يىل 5‏-ئايدا شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىر قانچە دۆلەتكە زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىمۇ توختاپ ئۆتمەكچى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بۇ سەپىرىگە تېخى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. (پەرىدە)