«دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» خىتايدىكى بىر قىسىم سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى


2006.04.13

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى چىقارغان دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1980‏- يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 2000 غا يېقىن سىياسىي دېلونى بىر تەرەپ قىلىپ، بۇنىڭغا چېتىلغان 4200 دىن كۆپ كىشىنى قولغا ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلات نۆۋەتتە تۈرمىدە يېتىۋاتقان 250 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئۇلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى بۇ تەشكىلات كۆپ ھاللاردا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە ئورۇنلىرى ئارقىلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدىكەنتۇق. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئورۇنلار مەزكۇر تەشكىلاتقا ئۇچۇر بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار نىشانىنى ئۆلكە ۋە ئۆلكىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يۆتكىگەن. دېگەندەك بۇ ئورۇنلار سىياسىي مەھبۇسلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشتىن ئۆزىنى ئانچە تارتىپ كەتمىگەن. دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى جوشۇا روسېنزۋېگ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

" ئۆتكەنكى بىر يىلدا، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئىلگىرى بىز دىئالوگ مۇناسىۋىتى ئورناتقان مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئالدىنقى يىللارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. ئۇلار ئۆتكەن يىلى بىز بىلەن دىئالوگ قىلىشنى ئانچە خالىمىدى. شۇڭا بىز باشقا يول ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئۇ بولسىمۇ بىز خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق. نەتىجىدە بۇنىڭدىن غەلىبە قىلىپ، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئائىت بىر قاتار ئەتراپلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق" .

جوشۇا سۆزىدە ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېڭى يوللار بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى فېڭ سوڭدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن سىياسىي سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنى " سىياسىي جىنايەتچى" دەپ ئاتاشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئامال بار جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

"بۇرۇن 'ئەكسىلىنقىلابچى' دېگەن نام بار ئىدى.كېيىن بۇمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ھەقىقەتەن ئەكسىلئىنقىلابچىلىققا چېتىلغان دېلولار بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇنى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزدى. خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان ياكى ئۇرۇنغان، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان ھەتتا ئىشپيونلۇق قىلغان دېگەنلەرمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي تېخى سىياسىي مەھبۇسلارنى لۈكچەكلىك، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە پاھىشىۋازلىققا ئوخشاش بىمەنە بۆھتانلار بىلەنمۇ ئەيىبلەيدۇ".

فېڭ سوڭدﯤ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە كۆرۈنۈشتە ئازراق ئىلگىرىلەشلەر بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

" خىتاينىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بەزى تەرەپلىرىدە ئازراق ياخشىلىنىش كۆرۈلسىمۇ، مەسىلەن: سۆز ئەركىنلىكى كۆرۈنۈشتە بۇرۇنقىدىن ئازراق كەڭ قويۇپ بېرىلگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ياكى سىياسەتكە چېتىلغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قاراتقان باستۇرۇشى 80‏- يىللارنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچار ۋە ئىنتايىن ئېغىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرمىلەردە سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ناھايىتى ناچار پوزىتسىيىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئېغىر قىيىن-قىستاق ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ".

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى يەنە، ئۇلارنىڭ جياڭ سۈندﯤ قاتارلىق 7 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. "دۈيخۇا" دەپ ئاتالغان دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى 1999‏- يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇن ئاساسلىقى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى كۈچەيتىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.