خرىستىيان مۇخلىسى ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى
2005.10.20
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى خرىستىيان مۇرىتى تۇڭ چىمياۋ يېقىندا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن يەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلىپ، ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى.
ئامېرىكىدىكى خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى خرىستىيان مۇرىتى تۇڭنى سوراققا تارتىپ، ئۇنىڭ قايسى يەردە دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى، كىملەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قىستاپ سورىغان. تۇڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكتىن، بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنى ئۇرۇپ مەيدە سۆڭىكىنى سۇندۇرىۋەتكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ يارىسى ئەسلىگە كەلمىگەن شارائىتتا، ئۇ داۋالىنىۋاتقان قەشقەر ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسى ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ قەشقەر ج خ ئىدارىسىغا سۇنغان ئەرزىمۇ ئاقمىغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەشقەر باج دائىرىلىرى تۇڭ چىمياۋنى قەشقەردىكى ئائىلە جىھازىلىرى دۇكىنىنى 14 - ئۆكتەبىرگىچە تاقاشقا بۇيرىغان. ئۇنىڭ دىلوسى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، قەشقەر بىخەتەرلىك دائىرىلىرى يەنە ئۇنى ئەزەلدىن قىيىن- قىستاققا ئېلىنمىغانلىق ھەققىدىكى بىر تىلخەتكە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان.
خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىدىكى بو شىچۇۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6 - ئايدا يېڭى دىنىي ئىشلار نىزامنامىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەمدە دىندارلارنى ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى قىيىن - قىستاققا ئالغانلىقىنىڭ بىر مىسالى ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتايدىكى ئاتاقلىق ئۈچ قانۇنشۇناس ئۆزلىكىدىن تۇڭ ئەپەندىگە قانۇنىي جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جىنىمەي ناھىيىسى دىنىي ئىشلارنى كونترول قىلىشتا ئاكتىپ بولغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى
- قىزىلسۇ ئوبلاستى بارلىق دىنىي ئۆلىمالارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتمەكچى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلدى
- خىتاي، مەكىتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلارغا پىلانلىق تۇغۇت قوللانمىسى تارقاتتى