خرىستىيان مۇخلىسى ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى‎

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى خرىستىيان مۇرىتى تۇڭ چىمياۋ يېقىندا دىنىي ئېتىقادى ‎سەۋەبىدىن يەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلىپ، ئۇرۇپ ‎يارىلاندۇرۇلدى.‎

ئامېرىكىدىكى خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ‎دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى خرىستىيان مۇرىتى تۇڭنى سوراققا ‎تارتىپ، ئۇنىڭ قايسى يەردە دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى، كىملەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ‎قىستاپ سورىغان. تۇڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكتىن، بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنى ئۇرۇپ ‎مەيدە سۆڭىكىنى سۇندۇرىۋەتكەن. ‎

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ يارىسى ئەسلىگە كەلمىگەن شارائىتتا، ئۇ داۋالىنىۋاتقان قەشقەر ئىككىنچى ‎خەلق دوختۇرخانىسى ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ قەشقەر ج خ ‎ئىدارىسىغا سۇنغان ئەرزىمۇ ئاقمىغان. ‎

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەشقەر باج دائىرىلىرى تۇڭ چىمياۋنى قەشقەردىكى ئائىلە جىھازىلىرى ‎دۇكىنىنى 14 - ئۆكتەبىرگىچە تاقاشقا بۇيرىغان. ئۇنىڭ دىلوسى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ‎دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، قەشقەر بىخەتەرلىك دائىرىلىرى يەنە ئۇنى ئەزەلدىن قىيىن- قىستاققا ‎ئېلىنمىغانلىق ھەققىدىكى بىر تىلخەتكە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان. ‎

خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىدىكى بو شىچۇۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، خىتاي ‎ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6 - ئايدا يېڭى دىنىي ئىشلار نىزامنامىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ‎ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەمدە دىندارلارنى ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ‎كىشىلەرنى قىيىن - قىستاققا ئالغانلىقىنىڭ بىر مىسالى ئىكەن. ‎

نۆۋەتتە خىتايدىكى ئاتاقلىق ئۈچ قانۇنشۇناس ئۆزلىكىدىن تۇڭ ئەپەندىگە قانۇنىي جەھەتتىن ‎يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)‎