خىتاي، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەيىبلىدى


2005.03.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق تۈردە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت كابېنتى بۇنىڭغا جاۋابەن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى خارلاش قىلمىشلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، "بۇ ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى ئېچىپ بېرىدۇ"دېگەن. ئۇلار دوكلاتتا يەنە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىق، مىللىي كەمسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ئامېرىكىنى ئۆزىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلەشنى توختۇتۇشنى بىلدۈرگەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلاتتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىراق تۈرمىسىدىكى خورلاشلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىن ئەپۇ سورىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ۋە شۇنداقلا ۋەقەگە مەسئۇل ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقىنى ئەسكەرتمىگەن. بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر، گەرچە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە مەسىلىلەر مەۋجۈت بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.