خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتاينىڭ مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى
2006.05.19
مەركىزى نيۇ-يوركتىكى خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە گۇئاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا، ئاپتور خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولۇۋاتقان مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق چۈچۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ مەزكۇر ھەرىكەتلەرنى كۈچىنىڭ بېرىچە يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى پاكىتلار ئارقىلىق بىر -بىرلەپ ئاشكارىلىغان.
كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا
"خىتايدىكى يوشۇرۇن ئەنسىزلىك" دېگەن تېمىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورى، نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى Kristin Jones نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، يېزىلاردىكى يەر ماجىراسى ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان نارازىلىقنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىنىڭ نارازىلىقىغا بولغان بۇ خىل ئەندىشىسى 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىلا باشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مەتبۇئاتلارغا بولغان كونتروللىقىمۇ ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىن كۈچىيىپ كەتكەن.
ئاپتور Kristin Jones خانىم مەزكۇر دوكلاتنى يېزىش ئۈچۈن خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدا يېرىم ئايدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەزكۇر جايلاردىكى كۆپلىگەن مۇخبىر ۋە ئىلمىي خادىملارنى زىيارەت قىلغان. ئۇ مەزكۇر دوكلاتتا ئۆزى ئىگىلىگەن پاكىتلارغا ئاساسەن، بۇلتۇر يىل ئاخىرى خىتاينىڭ شىتەي كەنتىدە يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن شيەنۋېي دۇڭجۇدا يۈز بەرگەن دېھقانلارنى قوراللىق باستۇرۇش ۋەقەسىنى مىسالغا ئېلىپ، كومپارتىيىنىڭ كانىيى دەپ قارالغان خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات بەرمەي ھەتتا ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي جىم -جىت بولۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
Kristin Jones: خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمەكتە
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى Kristin Jones خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىلا ئويلاپ، دېھقانلارنىڭ ئۆلۈپ- تىرىلىشى بىلەن كارى بولماي ھەتتا ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار بولغان مەتبۇئاتنى كۈچىنىڭ بېرىچە باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭ خاتالىق دەپ قاراپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:
"خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمەكتە. يەنى يېزىلاردا يۈز بېرىۋاتقان دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى توسۇشنىڭ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، زور بىر خاتالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مەتبۇئاتنىڭ رولى ئارقىلىق جەمئىيەتتە خەلقنىڭ نارازىلىقلىرى ئىپادىلىنىپلا قالماي،ئۇ يەنە يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ خىزمەتتە خاتالىق ئۆتكۈزمەي مەسئۇلىيەتچان بولۇشىدىمۇ نازارەت قىلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئەگەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلدارلار خىزمەتتە ھېچقانداق نازارەت قىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ".
ئەركىنراق سۆزلىگەن مەتبۇئاتلار تاقالغان
Kristin Jones خانىم سۆزىدە يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن كوللېكتىپ ۋەقەلەر ھەققىدە ئاز - تولا مەلۇمات بەرگەن مەتبۇئاتلارنى بىر -بىرلەپ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
"مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ھەقىقەتەن كۆپلىگەن مەتبۇئاتلارنى بولۇپمۇ كوللېكتىپ ۋەقەلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن رادىئو، گېزىت ۋە جۇرنال قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك تاقىۋەتتى. بۇنداق بولىشى ھازىر خىتايدا پۈتۈن مەتبۇئاتنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا، شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بېرىلىدىغان مەلۇماتلارنىڭ مەزمۇنىنى كونترول قىلىش ئانچە تەسكە توختىمايدۇ".
خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان كوللېكتىپ ۋەقەلەرنى "خەلقنىڭ ئىچكى زىددىيىتى' دەپ تەكىتلەپ، بۇ خىل زىددىيەت پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تاقىشىدۇ، ئۇنىڭ ھېچقانداق سىياسىي خاراكتېرى يوق، شۇڭا بۇ خىل ماجىرالارنى مەتبۇئاتتا ئاشكارىلاشنىڭ ھاجىتى يوق " دەپ قارىغان. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا " ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ كوللېكتىپ خاراكتېرلىق ۋەقەلەرنى " توپىلاڭ" دەپ ئاتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كوللېكتىپ خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسمى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- فۇجيەندە 200 گە يېقىن كىشى سانائەت بۇلغىنىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارى: خىتايدا ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇش مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كۈچەيتمەكتە
- ئىسمائىل تىلىۋالدى "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" نى تەكىتلىدى
- جاڭ دېگۇەن ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىمسىزلىق دەۋرىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قارشى چىقتى
- گۇاڭدۇڭدىكى يەر داۋاسى ۋەقەسىدە نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىش بولدى؟