ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئېكسپورت قىلغان ئاياق كىيىملىرىدىن باج ئېلىشنى قارار قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىرى ئالدىنقى كۈنى ليۇكسېنبورگدا،مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ كەلگۈسى 2 يىلغىچە خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلغان ئاياقكىيىملەردىن 5.16 پىرسەنت باج ئالىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قارار خىتاي ئاياقكىيىملىرىنى ياۋروپادا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ياۋروپا ئاياقكىيىم سانائېتىنى قوغداشنى مەقسەد قىلغان. شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان مەزكۇر قاراردا ۋېيتنامدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاياقكىيىملىرىدىنمۇ باج ئېلىش بەلگىلەندى.
خىتاي سودا مىبنىستىرلىقى شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىنى " قانۇنغا خىلاپ"، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چۇڭ چۈەن، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسارى ماندىلسون، بۇ يىل 8 - ئايدا خىتاي ئاياقكىيىملىرىدىن 5 يىلغىچە 5.16 پىرسەنت باج ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن قاراردا بۇ تەكلىپ 2 يىلغا قىسقارتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كورلا نەشپۈتى ئامېرىكىنىڭ ئېكىسپورت ئۆلچىمىدىن ئۆتتى
- كورلا نەشپۈتى ئامېرىكىغا ئىكىسپورت قىلىنشقا باشلىدى
- خىتاينىڭ شەنتۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر ئادەم ئۆلدى
- خىتاي ئامېرىكىدىن 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىشقا كېلىشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى بولغىنى بىر نۇمۇس