خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى: جوڭگودا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار 120 مىڭدىن ئاشتى
2005.10.14
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىل 6 - ئايدا خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 126 مىڭ 808 گە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 28 مىڭ 789 نەپىرى رەسمىي ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىكەن.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې ياڭ جۈمە كۈنى خىتايدا ھازىرغا قەدەر 7375 كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىشنى تېما قىلغان بىر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جاكارلىغان.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى ۋاڭ لوڭدﯤ، بۇ يىل 3 - ئايدا 2004 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى 107 مىڭ، رەسمى ئەيدىز كېسەللىرىنى 24 مىڭ، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ سان خىتايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئاران 12.7 % ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىددىي تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلى ئەڭ تېز تارقاۋاتقان رايون ھېسابلىنىدۇ. خې ياڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1 - دىكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدا مەملىكەت بويىچە ئەيدىزگە قارشى سەنئەت - تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. بۇ پائالىيەتنى ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 840 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، رەسمى ئەيدىز كېسەللىرى 80 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە ئەيدىز كېسىلى تىز تارالماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىگە زىيان سالماسلىققا چاقىردى
- ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى
- ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزگە قارشى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتمەكچى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى