خىتايدا ئەيدىزنىڭ كۆپىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى سەۋەب ئېلان قىلىندى
2007.08.20
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئومۇمىي جامائەت توپىنىڭ ئارىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىش خەتىرىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
خىتاي گېزىتى (中国日报 ) خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، پۈتۈن خىتاي بويىچە يېڭىدىن ئەيدىز پەيدا قىلغۇچى HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 70 مىڭ ئادەمنىڭ يېرىمى دېگۈدەك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملانغان ئىكەن.
خىتاي ئەيدىز ئۇچۇر تورىنىڭ خادىمى گاۋ چى: “خىتايدا تۇنجى ئەيدىز بىمارى 1989- يىلى بايقالغاندىن بۇيان، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ سالماقنى ئىگىلەپ كەلدى” دەيدۇ.
رويتېرس ئاگېنتلىقى 20-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ھازىر 650مىڭ ئەيدىز بىمارى ياكى HIV ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بار بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى مۇتەئەسسىپلىك، جىنسى ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ۋە ئاساسى قاتلامدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە گۇمان بىلەن قارىشى قاتارلىقلار، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىدىكى توسالغۇ ئىكەن.
1990- يىلى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە قان سېتىش ئالدامچىلىقى سەۋەبلىك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىشىچە، 2005- يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 9 ئايغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرى 6 مىڭ نەپەرگە يېقىنلاشقان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دۇنيادىكى ئىتىۋارىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن بەزى شىركەتلەرنى تاقاشقا باشلىدى
- مۇھىت بۇلغىنىشىدىن خىتايدا ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان ئادەم ئۆلمەكتە
- كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ ئايالى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىندى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: قۇش زۇكىمى خىتايدا يەنىلا مەۋجۇت
- خىتايدا يەنە قۇش زۇكىمى بايقالدى
- خېنەن سەھىيە نازارىتى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلماسلىق بۇيرۇقى چۈشۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز دوختۇرى گاۋ ياۋجيېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات قوبۇل قىلىشىنى توسىدى
- خىتاي ھازىرچە خەتنە قىلىشنى ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر تەدبىرى سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلمايدۇ









