خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلىغانلىقىنى، لېكىن 2007 - يىلى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 700 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ب د ت خادىملىرى جۈمە كۈنى 50 مىليون خىتاي پۇقراسى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ب د ت ئەيدىز پروگراممىسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارى بېرنخارد شۋارتلەندىر دۇنيا ئەيدىز كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا " بۈگۈن ئوتتۇز مىليوندىن ئەللىك مىليونغىچە بولغان خىتاي پۇقراسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش تەھدىتى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. بۇ ، مەسىلىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى ۋە ئېغىرلىقىنى نامايەن قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرى چېن جۇ پەيشەنبە كۈنى خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2007 - يىلى 50 مىڭ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى 700 مىڭغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بەچچىۋازلىق 2007 - يىلى خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم قانالغا ئايلانغان بولۇپ، شۇ يىلى %44 ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىنى مۇشۇ يوللار بىلەن يۇقتۇرۇۋالغان.
ب د ت ئەمەلدارى شۋارتلەندىر،خىتايدا " ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك " دەپ ئاگاھلاندۇردى. خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى كەڭ تارقالغان رايونلار يۈننەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي ۋە ئۇيغۇر ئىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇ جايلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئىلى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز جاي بولۇپ، " تەڭرىتاغ تورى " نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلى بۇ يىل ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى جەھەتتە 4 - ئورۇندىن 2 - ئورۇنغا چىققان. (ئەركىن)