ئارگىنتىنادا فالۇڭگۇڭچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى


2005.12.23

خوڭكوڭدىكى فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئارگىنتىنانىڭ پايتەختى باينىس ئايرىستا خىتاي كوممونىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى لو گەننىڭ زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ياللىۋالغان كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

خوڭكوڭدىكى فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتى تەرىپىدىن 23 ‏- دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئارگىنتىنانىڭ پايتەختى بينىس ئايرىستىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى 14 ‏-دېكابىر كۈنى لوگەننىڭ ئارگىنتىنا زىيارىتىگە قارشى ئارگېنتىنا پارلامىنتى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىۋاتقان مەزگىلدە، 10 غا يېقىن خىتاي ياشلىرى نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە نامايىشچىلارنى ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ لوزۇنكىلىرىنى يېرتىپ تاشلىغان.

فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئارگىنتىنادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ياللانغان كىشىلەر ئىكەن. خوڭكوڭدىكى فالۇڭگۇڭ تەرىقىتىنىڭ باياناتچىسى كەن خۇڭچۈڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە جەريانىدا بىرنەچچىلىگەن نامايىشچىلار يارىدار بولغان.

فالۇڭگۇڭ تەرىقىتىنىڭ پائالىيىتى خىتايدا چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدا قانۇنلۇق بىر تەرىقەت سۈپىتىدە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. فالۇڭگۇڭ تەرىقىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەرىقەتنى باستۇرۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ، ھازىرغىچە 2800 نەپەر تەرىقەت مۇرىتى ئۆلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇڭگۇڭ تەرىقىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.