فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ شۋېتسىيىدە ئويۇن كۆرسىتىش پىلانى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى


2008.01.31

ئامېرىكىلىق خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 3 ‏- ئايدا شۋېتسىيىدە ئويۇن كۆرسىتىش پىلانى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

فالۇڭگۇڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىلاھى غەزەل سەنئەت ئۆمىكى مەركىزى نيۇيوركتىكى خىتاي سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ، يۈزلىگەن ئۇسۇلچى، ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلاردىن تەركىپ تاپقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكىنى، خىتايدا بىدئەت دەپ قاتتىق چەكلىنىۋاتقان فالۇنگۇڭ تەشكىلاتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دەپ قارايدۇ.

ھەقىقەتەن ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكى ئارتىسلىرىنىڭ بىر قىسمى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولۇپ، شىۋىتسىيىدىكى خىتاي فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى مەزكۈر ئۆمەكنىڭ شۋېتسىيىدە ئويۇن قويۇشنى تەشكىللىگەن.

ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكى 3 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ۋە باشقا بىر قانچە شەھەرلىرىدە ئويۇن كۆرسىتىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.

خىتاي تەرەپ فالۇڭگۇڭچىلاردىن تەركىپ تاپقان سەنئەتچىلەرنىڭ شۋېتسىيىدە ئويۇن كۆرسىتىشى، خىتاي بىلەن شۋېتسىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ستوكھولم مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان خىتاينىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى شۋېتسىيە دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈپ قويغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى چەكلەش ۋە ياكى چەكلىمەسلىك يەنىلا شۋېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.