شىراك خىتايدىكى زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇردى


2004.10.12

خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىنى خوڭكوڭدا ئاياقلاشتۇرغان فرانسىيە پرېزدېنتى جەكس شىراك، خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاقلىدى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىراك سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون مەمۇرىي باشلىقى دوڭ جىيەنخۇا بىلەن كۆرۈشۈپ، “ بىز مەسىلىلەرگە رىئال ۋە ئەملىيەتتە قانداق بولسا شۇنداق قارىشىمىز كېرەك” دېدى.

شىراك يەنە دوڭجىيەنخۇا بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە سۆز قىلدى. شۇنداقلا شىراك خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا سودا مۇناسىۋەتنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى تارتىپ كەلدى.

شىراك پەقەت ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەيدانىنى ئومۇمىيۈزلۈك شەرھىلەپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، فرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەلىۋى بويىچە خىتايغا بىۋاستە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلەتمەستىن، پەقەت خىتايغا تۈرمىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ تىزىملىكىنىلا سۇنۇپ قويدى.

فرانسىيە پرېزدېنتى جەكس شىراك يەنە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قويغان قورال-سېتىپ بەرمەسلىك جازاسىنى بىكار قىلىشقا كۆپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا بىرلىكى بۇنى تېخى بىكار قىلمىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.