گازپرېم شىركىتى خىتايلار بىلەن تەبئىي گاز توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
2005.09.23
رۇسىيە تەبئىي گاز شىركىتى گازپرېمنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۈچ چوڭ تەبئىي گاز ۋە نېفىت شىركىتى گازپرېم بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي - شىمالىغا تۇتۇشىدىغان ئىككى تۇرۇبىدا خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.
گازپرېمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالېكساندىر مېدۋېدېۋ، خىتاينى يىلدا 60 مىليون كۇپ مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا خىتايلار سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىدىن باشلىنىدىغان ئىككى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شاڭخەي - تارىم تەبئىي گاز تۇرۇبىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن. گازپرېم ئىلگىرى تارىم - شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا شېرىك بولۇشتىن ۋاز كەچكەن.
خىتايلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى قازاقىستان بىلەن تەبىئىي گاز توختىمى تۈزۈپ، ئاتا- سۇ بىلەن ئالاتاۋ ۋە مايتاغ ئارىسىغا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزماقتا ئىدى.
خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۇنىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى كۈچەيتمەكتە. ئۇنىڭ تەبىئىي گازغا ئىھتىياجى 2010 - يىلغا بارغاندا 100 مىليارد كۇپ مېتىردىن 125 مىليارت كۇپ مېتىرغىچە كۆپىيىدىكەن.
بۇ ئارىدا جۈمە كۈنى جوڭگو نېفىت شىركىتى 2010 - يىلغىچە نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا 12 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، خىتاي تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ 15 مىڭ كىلومېتىر ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مايتاغ نېفىت بازىسى ئارىسىدا نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (ئەركىن)