گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن خىتاينى زىيارەت قىلدى


2005.04.26

LienChan0426.jpg
26-ئاپرىل كۈنى، تەيۋەن گومىنداڭ رەھبىرى ليەن جەن ئايالى فاڭ يۈ بىلەن نەنجىڭ ئايرودورۇمىغا يېتىپ كەلدى. AFP

تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلانغان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن سەيشەنبە كۈنى نەنجىڭغا يىتىپ كېلىپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىغا قاراتقان تارىخى سەپىرىنى باشلىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ليەن جەن نەنجىڭ ئايرودرومىدا خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا مەخسۇس زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان.

ليەن جەن ئايرودرومدا قىلغان سۆزىدە، گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ئىككى قىرغاق تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ليەن جەننىڭ خىتاي زىيارىتى، 1949 - يىلى خىتايدا ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى، گومىنداڭ رەھبىرىنىڭ تۈنجى قېتىم خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ليەن جەن تەيبېي ئايرودرومىدىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا، نەچچە يۈزلىگەن تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان كىشىلەر، ئۇنىڭ زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. ليەن جەنگە قارشى تۇرغۇچىلار، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆز- ئارا توقۇنۇشۇشقان ھەمدە لىيەنجەننى تەيۋەننى ساتتى دەپ ئەيىپلىگەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن ليەن جەننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بىراق، ئۇ سەيشەنبە كۈنى ئۆز مەيدانىنى بىراز يۇمشىتىپ، لىيەن جەنگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ يەنە، ئىككى قىرغاقتا كۈچىيىۋاتقان تەھدىد ۋە رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەندىكى كۈچلەرنىڭ چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.