
تەيۋەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن، سەيشەنبە كۈنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى زىيارەت سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى نەنجىڭگە يېتىپ كېلىپ، 1949 - يىلدىن كېيىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى زىيارەت قىلغان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ تۇنجى رەھبىرى بولۇپ قالدى.
ليەن جەن، سەيشەنبە كۈنى نەنجىڭدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ، نەنجىڭگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تەيبېي ئايدۇرۇمىدا ليەن جەننى قوللىغۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار ليەن جەننى تەيۋەنگە خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ليەن جەن: تەيبېي بىلەن نەنجىڭنىڭ ئارىلىقى يىراق ئەمەس
ليەن جەن نەنجىڭ ئايدۇرۇمىدا سۆز قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ئىككى قىرغاق تىنچلىقىنى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا " رىشتە باغلايدىغانلىقىنى" جاكارلىدى. ئۇ، زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى " تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ جىددى مۇناسۋىتىنى يۇمشىتىش،" دەپ چۈشەندۈرگەن. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن دەسلەپكى چاغلاردا ليەن جەننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى زىيارەت قىلىش پىلانىغا قارشى چىققان. ئەمما ئۇ، يەكشەنبە كۈنى پوزىتسىيىسىنى يۇمشاتتى.
ليەن جەن نەنجىڭدىكى باياناتىدا، " تەيبېي بىلەن نەنجىڭنىڭ ئارلىقى ئانچىلا يىراق ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما بايام مەن ئايروپىلان قونىۋاتقاندا بۇ يەرگە كېلىش ئۈچۈن 60 يىل كۈتۈشكە توغرا كەلگەنلىكىنى ئويلىدىم. ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى"، دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي كومپارتىيىسى 1949 - يىلى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، گومىنداڭنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.
ليەن جەن: نەنجىڭنى جوڭخۇئا مىنگونىڭ پايتەختى

ليەن جەن، گومىنداڭنىڭ نەنجىڭ شەھىرى بىلەن تارىخىي ۋە ھېسسىيات باغلىنىشى بارلىقىنى بىلدۈردى. ليەن جەن مۇنداق دەيدۇ: " نەنجىڭ گومىنداڭ ئۈچۈن ئالغاندا تارىخىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن باغلانغان شەھەر. تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا نەنجىڭ جوڭخۋا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەختى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاتىسى سۈن جوڭسەن ئەپەندى ياتقان جاي."
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ليەن جەننىڭ زىيارىتىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەندىكى دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى ئۆزىگە تارتىش ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتتى.
ليەن جەن: چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى سەپىرىم ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق كېلەچىكىنى يارىتىش
ليەن جەن، مەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى زىيارىتىنى " بىر تارىخى قەدەم،" دەپ تەرىپلىگەن. ليەن جەننى خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ تەنۋەن ئىشلار ئىشخانىسى مۇدىرى چىن يۈنلىن قاتارلىقلار كۈتۈۋالدى. ليەن جەن مۇنداق دېدى: " بۇ قېتىمقى چوڭ قۇرۇقلۇق سەپىرىمىز، مېنىڭچە ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش شۇنداقلا تىنچلىق ئاساسىدىكى كېلەچەكنى قانداق يارىتىش كۆپچىلىك باش قاتۇرىۋاتقان مەسىلە. جوڭگو گومىنداڭى بۇنىڭغا ئوخشاش تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئاساسىدىكى ئىككى قىرغاق مۇناسۋىتىنى يارىتىش يولىدا رىشتە باغلاشنى خالايدۇ."
ئامېرىكا، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى

ليەن جەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى زىيارىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ليەن جەننى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەيۋەنلىكلەرنى ئىككى بۆلۈشىگە يول قويۇش بىلەن ئەيىپلىمەكتە. ئەمما تەيۋەنلىكلەر مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش ياكى تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش مەسىلىسىدە ئىككى بۆلۈنگەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىگە قارشى تۇرغان ئامېرىكا، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەر قانداق ھەرىكەتكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى مەيدانىنى يەنە تەكىتلىگەن.
گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى سەپىرىگە ئۇنىڭ خانىمى بىلەن بىرگە گومىنداڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ بىڭكۈن، ۋۇ بوشيوڭ، لىن دىڭجىلار ھەمرا بولدى. جاڭسۇ ئۆلكىسىدىكى دائىرىلەر شۇ كۈنى ليەن جەننىڭ شەرىپىگە كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بەرگەن. ليەن جەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئۆمىكى چوڭقۇرۇقلۇقتىكى شاڭخەي، بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ.ئۇ، 29 - ئاپرىلدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن ئۇچرۇشىدىكەن. (ئەركىن)