خۇجىنتاۋ ھىنىدىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ئەركىن تىبەت ھەركىتى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن

0:00 / 0:00
tibet-hujintao-hindistan-20.jpg
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھىندىستاننىڭ زىيارەت قىلىۋاتقاندا، بىر تىبەت نامايىشچى ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق بىلدۈردى. AFP

خۇجىنتاۋ 20 ‏- نويابىر كۈنىدىن 24 ‏- نويابىر كۈنىگىچە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى. خۇجىنتاۋ ھىنىدستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە 'ئەركىن تىبەت ھەركىتى' دەپ ئاتىلىدىغان مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ياشلىرىنىڭ بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىق نامايىشلىرى ئۈكسىمىدى. خەۋەرلەردە مەلۇم بولىشىچە، تىبەتلىكلەر خۇجىنتاۋغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغان، ھەتتا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن ۋەقەلەرمۇ يۈز بەرگەن.

22 ‏- نويابىر كۈنى، نامايىشچىلار 'مۇستەبىتنىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرەيلى' دەپ شۇئار توۋلاپ مېڭىپ...

تىبەتلىكلەرنىڭ درامسالا شەھىرىدە چىقىرىدىغان 'فايۇل'، يەنى يۇرتۇم تور بېتى' دە بايان قىلىنىشىچە، ئەركىن تىبەت ھەركىتى دەپ ئاتىلىدىغان مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ياشلىرىنىڭ خەلئارالىق تەشكىلاتىغا ھىنىدىستان دائىرىلىرى چەكلىمە قويغان. خۇجىنتاۋ ھىنىدىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ درامسالادىن سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتى 22 ‏- نويابىر كۈنى درامسالادا چوڭ نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار يول بۇيى 'مۇستەبىتنىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرەيلى' دەپ شۇئار توۋلاپ ماڭغان. نامايىش قوشۇنى درامسالا شەھىرىدىكى مىكلىوت مەيدانىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى دەسسەپ كۆيدۈرگەن. چوڭ ھەجىملىك بەشيۈلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ كۆيدۈرۈلگەن كۆرۈنىشى بار رەسىملەر تىبەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان. بەزى چەتئەل ۋاستىچىلىرىمۇ ئېلان قىلدى. بەشيۈلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ كۆيدۈرۈلگەن كۆرۈنىشى بار بىر فوتو سۈرەتنىڭ يېنىغا 1949 - يىلىدىن بۇيان تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغولىيە ئاسمىنىدا لەپىلدەپ تۇرۇۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراقنى تىبەتلىكلەر كۆيدۈرۈپ تاشلىدى، دەپ ئىزھات يېزىلغان.

23 ‏- نويابىر كۈنى، لاكپا ئىسىملىك بىر تىبەت ئۆزىگە كىرسىن چېچىپ ئوت ياققان

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىنىدىستان ساقچىلىرى 23 ‏- نويابىر كۈنى، خۇجىنتاۋ ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە چۈشكەن ھەشەمەتلىك مىھمانخانىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان تىبەتلەردىن 21 كىشىنى قولغا ئالغان. نامايىش جەريانىدا لاكپا سېرىن ئىسىملىك بىر تىبەت ئۆزىگە كىرسىن چېچىپ ئوت ياققان. بۇ كىشى كۆيىۋاتقان ئوت ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 'تىبەتنى ئازاد قىلايلى' ، 'خىتايلار تىبەتتىن چىقىپ كەتسۇن' دەپ شۇئار توۋلىغان. ھىنىدىستان ساقچىلىرى بۇ كىشىنىڭ ئۈستىدە كۆيىۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنى دوختورخانىغا ئېلىپ كەتكەن. بۇ كۈنى نامايىشچىلار ئۈستىگە كىيگەن مايكىغا 'خىتاينىڭ ئەخلاقى ناچار، دوسلۇقى رەزىل' دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

خۇجىنتاۋ ھىنىدىستاندىن كېتىدىغاندا، تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقى يەنە ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈندى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئەشۋىنى باتىيانىڭ مۇمبايدىن 24 ‏- نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىنىدىستان ساقچىلىرى خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنى تىبەت نامايىشچىلىرىدىن ، بولۇپمۇ تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتنىڭ ئىھتىمالدىكى ھۇجۇمىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قوغداپ، ئۇنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىدى. خۇجىنتاۋ بارغانلىكى جاينى ھىنىدىستان ساقچىلىرى قاتمۇ-قات قورشاپ قوغدىدى. تىبەت ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ تۇردى. شۇنداق ئەھۋال ئاسىتىدىمۇ، 23 ‏- نويابىر كۈنى خۇجىنتاۋ چۈشكەن مىھمانخانا ئالدىدا بىر تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالدى. ئەمدى بۆگۈن، 24 ‏- نويابىر كۈنى يەنە، خۇجىنتاۋ ھىنىدىستان بىلەن خوشلۇشۇپ ، پاكىستانغا قاراپ يولغا چىىقىش ئالدىدا تۇرغاندا ، تىبەتلەر يەنە يۇشۇرۇن ھالدا تاكسى بىلەن كېلىپ، خۇجىنتاۋ چۈشكەن ھەيۋەتلىك تاج مەھەل مھىمانخانىسىنىڭ ئالدىدا تىبەتنىڭ مۇستەقىل بايرىقى ۋە نارازىلىق ئىپادىلەيدىغان پىلاكاتلىرىنى چىقىرىپ نامايىش قىلىشقا باشلىدى. بۇچاغدا مىھمانخانا ئىچىدە، خۇجىنتاۋ باشچىلىقىدىكى 250 كىشىلىك خىتاي ئۆمىكى 300 دىن ئارتۇق ھىندىستان سودىگەرلىرى قىزغىن سودىلىشىۋاتاتتى. بۇ چاغدا ھىنىدىستان ساقچىلىرى يەنە يوللارنى قامال قىلىپ، تىبەتلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىدى. باشقا تىبەتلەرنى، بولۇپمۇ تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرىنى بۇ تەرەپكە كىرگۈزمىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى بۇ درامسالا شەھىرى دالايلاما 1959 ‏- يىلى تىبەتتىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولۇپ تۇرماقتا. (ۋەلى)