ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى فاڭيۇەننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش تەدبىرلىرى ئىنتايىن پۇختا بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بېيجىڭغا دەرد ئېيتقىلى كېلىۋاتقان دۆلەت پۇقرالىرى، يىغىن داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ساقچىلارنىڭ توسۇپ تۇتقۇن قىلىشى ھەر قانچە دەھشەتلىك بولۇشىغا قارىماي، ھەرخىل يېڭى شەكىللەرنى ئىجاد قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. دۆلەت پۇقرالىرى كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئوخشىمىغان يۆنۈلۈشتىن تيەنئەنمېن مەيدانىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بۈيۈك خەلق سارىيىغا كىرىش ئۈچۈن قولىدا ئۆزلىرىنىڭ شىكايەتنامىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تەڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ۋەقەلەر كۈندە بىر نەچچە قېتىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا. بېيجىڭغا دەرد ئېيتقىلى كەلگەن دۆلەت پۇقراسى دۇ خانىم مۇخبىرغا ئۆزى كۆرگەن ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەن.
ئەرزدارلار تۇتۇلماقتا
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى 60 ياش چامىسىدىكى ئىككى كىشى بۈيۈك خەلق سارىيىغا 20 نەچچە مېتىر قالغان جايغىچە بارغاندا، ئۇلار دەرھال بىر چوڭ پىلاكاتنى چىقىرىپ نامايىش قىلغان. ساقچىلار ئۇلارنى قوغلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى پىلاكاتنى ۋە شىكايەتنامىلارنى تارتىۋېلىپ تۇتۇپ كەتكەن. يەكشەنبە كۈنىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، سەيشەنبە كۈنى دۆلەت كابىنېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى 'سۆھبەت ئۆتكۈزۈش' دېگەن نام بىلەن بىر نەچچە يۈز ئەرزىيەتچىنى بىر جايغا توپلاپ ساقچىلارغا تۇتۇپ بەرگەن. ئەرزىيەت ئىشخانىسىدىن شاڭخەيگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن 60 نەچچە كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەگەر ئۇ شاڭخەيگە قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن بولسا، بېيجىڭدا كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان ئادۋوكات گاۋ جژچېڭ ئەپەندى بىلەن كۈرۈشمەكچى ئىكەن. بۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بېيجىڭدا يەنە نۇرغۇن ئادەم مېھمانخانىلاردا سولۇنۇپ نەزەربەنتكە ئېلىنىپ تۇرماقتا. مېھمانخانىدا نەزەربەنتكە ئېلىنغان بىر خانىم مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر شاڭخەيدە يەنە بىر مۇنچە كىشى ئۆز ئۆيلىرىدە نەزەربەنت ئاستىدا تۇرماقتا.
بېيجىڭدىكى كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئادۋوكات گاۋجژچېڭ ئەپەندىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، چارشەنبە كۈنىدىكى كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىشقا خوڭكوڭلۇق ئادۋوكات خوجۈنرېن ئەپەندى باشچىلىق قىلغان. شۇ كۈنى يەنە گۇاڭجۇ، شەنشى، سەندۇڭ قاتارلىق 4 ئۆلكىدىمۇ كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىنغان. خەلقئارادىن ئاز دېگەندە 30 تەشكىلات ئۇلارنى قوللاپ ئۇچۇر يوللىغان. سىچۇەندە پەيشەنبە كۈنى يەنە بىر نەچچە ئادەم كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىشقا قاتنىشىدۇ.
خوڭكوڭدا نارازىلىق نامايىشى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شىنيۈنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئىكى چوڭ يىغىن داۋاملىشىۋاتقاندا، 8 -مارت كۈنى، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تيەنئەنمېن ئانىلىرى تەشكىلاتى خوڭكوڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا 'ئەتىرگۈل نامايىشى' ئۆتكۈزگەن. قولىدا ئەتىر گۈل تۇرۇپ، مەيدىسىگە ئەتىرگۈل ئىزنىكى تاقاپ، دەرەخلەرگىمۇ مۇمكىن قەدەر قەغەز ئەتىرگۈل ئېسىپ نامايىش قىلىدىغان بۇ ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرغان كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، قولىدا رەھىمدىللىكنى ۋە قىزىل قاننى ئەسلىتىدىغان ئاق ۋە قىزىل ئەتىر گۈل تۇتۇپ نامايىش قىلغان كىشىلەرنىڭ مەقسىتى -بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرىغا بۇنداق شەكىل ئارقىلىق سىرتقى دۇنيادا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەم بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، شۇنداقلا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئەۋلادلىرىنى ئەسلەش ھۇقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرىدىغان، ھەتتا ئەۋلادلىرىنى ئەسلىگەن خەلققە بىۋاستە تېررولۇق يۈرگۈزىدىغان رەھىمسىز ھەرىكەتتىن ۋاز كېچىشكە، خەلققە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت بولغان.
بۇ خانىم سۆزىدە يەنە 'خوڭكوڭدا كىشىلەر ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوچۇق بايان قىلالايدۇ، ئەمما تيەنئەنمېندە ئۆلتۈرۈلگەن ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرى بولسا تېخىچە ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا بولغان قايغۇسىنىمۇ ئوچۇق ئىپادىلىيەلمەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق رەھىمسىزلىكىنى تۈگىتىش كېرەك' دېگەن.