خىتايدىكى قۇرۇلتاي يەنىلا دېموكراتىك بولمىغان


2007.03.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايدا ئېچىلىۋاتقان قۇرۇلتايلار ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. 15 ‏- مارت نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە بېسىلغان "خىتايچە قۇرۇلتاي" دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى قۇرۇلتاي بۇرۇنقىدەك "مۇتلەق ساداقەتمەنلىك مۇراسىمى" بولۇپ كەتمىگەن.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇخبىرلار يىغىن ۋەكىللىرىنى كارىدۇرلاردا قوغلاپ يورۇپ سوئال سورىيالىغان ۋە يېپىق يىغىنلاردىمۇ خېلى جانلىق مۇنازىرىلەر بولۇنغان.

لېكىن، ئاللىبۇرۇن ئېلىنىپ بولۇنغان قارارلارنى بېكىتىش ئۇچۇن بۇ ئىككى ھەپتىلىك قۇرۇلتايغا قاتناشقان 2980 نەپەر ناھايىتىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللانغان ۋەكىللەر يەنىلا ئالدىن بەلگىلەنگەن يۆلىنىش بويىچە ئىش تۇتقان.

بۇ يىغىنىدا يەنىلا دېموكراتىيىلەش يول قويۇلمىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بەزى قارشى پىكىردە بولغۇچىلارنى چەتئەل مۇخبىرلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان بولسا، يەنە بەزىلەرنى نەزەر بەنت ئاستىغا ئالغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.