خىتايدىكى ئىككى چوڭ يىغىندا چىرايلىق گەپ تولا، خەلق ئىچىدە لەنەت-نەپرەت

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان ئىكى چوڭ يىغىننىڭ بىرى‏ بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ چوڭ يىغىنى 15 ‏- مارت كۈنى ئاياغلاشتى. 2267 نەپەر ئەزا 4516 تەكلىپ سۇنۇپ قويغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ دوكلاتىنى تەستىقلاپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇرغان. ئىككى چوڭ يىغىننىڭ يەنە بىرى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ چوڭ يىغىنى ئەتە ئاياقلىشىدۇ. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ يىغىنمۇ يەنىلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان سىياسىەتلىرىنىڭ ھېچقايسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئون نەچچە كۈندىن بۇيان، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى توختاتمىغان. بەلكى يىغىن ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشقانسىرى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى شۇنچە قاتتىق بولغان.

ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى توختاتمىدى

'رويترس ئاگنېتلىقى'نىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، جايلاردىن ئىككى چوڭ يىغىنغا دەرت ئېيتقىلى كەلگەن دۆلەت پۇقرالىرىدىن 700 دىن ئارتۇق ئادەمنى ھۆكۈمەت ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان. 11 ‏- مارت كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئون مىڭلىغان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئاپتوبوس بېلىتى باھاسىنىڭ ئۈسۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق باستۇرغان. 12 ‏- مارت كۈنى يەنە، گۇاڭدۇڭنىڭ سەنتۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئېلېكتىر ئىسىتانسىسى قۇرۇلۇشىدا يەر-زېمىنىدىن ئايرىلغان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ، كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز بايلار ۋە خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى قاراڭغۇ جەمئىيەت كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق ۋاستە قوللىنىپ باستۇرغان. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان زىيالىيلارنى نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

باش ئورگىنى نيۇيورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

‏ ھازىر بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتماقتا، - دەيدۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى نىكولاس ئەپەندى خىتايچە تىل بىلەن ئىپادىلەپ.

نىكولاس ئەپەندىنىڭ ئۆز تىلىدا بايان قىلىشىچە، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ساقچىلار جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئەمما خىتايدا بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، ساقچىلار ھەتتا خەلقنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغىمۇ قورال ئىشلىتىپ ئوق چىقارماقتا. بۇ خەلقئارادا دىققەت قىلىنىۋاتقان مەسىلە. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، خىتايدا ھەريىلى نەچچە ئونمىڭ قېتىم نامايىش يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى كوممۇنىست ساقچىلىرى قوراللىق بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىۋەرسە ھۆكۈمەت ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنياغا، ئەگەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلسە، بۇنىڭدىن بۇرۇن خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلايمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ ئىنتېرنېتتە ئالاقە قىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ. خەلقنىڭ كىتاب نەشر قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتىدۇ. خەلقنىڭ تارىخىي ۋەقەلەر توغرىسىدا ئەركىن پىكىر قىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ. دۇنيادا، خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىش بولۇش ئالدىدا تۇرغان ھەر قانداق بىر دۆلەتتە، خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى بۇنداق كەڭ دائىرىدە چەكلەيدىغان، خەلقنى خالىغانچە بۇنداق كۆپ تۇتقۇن قىلىدىغان دۆلەت يوق.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتتى

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇقۇشىچە، بېيجىڭدا 'خەلق مەنپەئەتىنى بىرىنجى ئورۇندا قۇيۇش' دېگەن شۇئار ئاستىدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن يۇرتلارنىڭ بىرى بولغان يەكەن ناھىيىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى مەبلەغ سېلىپ، 100 مىڭ مو يەردە ھەريىلى 40 مىڭ توننا مەھسۇلات ئالغىلى بولىدىغان بادام بازىسى بىنا قىلىدىغان پىلانىنى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى 'ھاشار' غا تۇتۇپ ھەقسىز ئىشلىتىش ئارقىلىق ئورۇنلاش ئۈچۈن زور ھەرىكەت باشلىغان. (ۋەلى)