خىتاي ھۆكۈمىتى سەزگۈر تور بەتلەرنى توسىماقتا


2005.04.15

ئامېرىكىدا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ۋاستىلىرى بارغانسىرى " غەلىبە" قازانماقتا ئىكەن.

مەزكۇر دوكلات، ئامېرىكىنىڭ خارۋورد، كانادانىڭ تورونتو ۋە ئەنگلىيىنىڭ كەمبىرىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاساسىدا چىقىرىلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى بارغانسىرى ئىلغارلىشىپ، تور بەتلەردىن ھەتتا سەزگۈر سىياسىي مەزمۇنلارنى بىرمۇ- بىر تازىلاپ چىقىرىۋېتەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ فالۈنگۇڭ، دالاي لاما ۋە تيەنئەنمىن ۋەقەسى قاتارلىق سەزگۈر تېمىلاردىكى مۇنازىرىلىرىنى توسىماقتا. دوكلاتتا يەنە، خارۋورد ئۇنىۋېرسىتېتتىكى مەزكۇر تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان بىر مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ "گەرچە ئىنتېرنەت تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەتكە قارىغاندا، تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىنتېرنېتنى سۈزمەكتە" دېيىلگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.