خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينى ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى توختۇتۇشقا چاقىردى


2005.09.29

باش شتابى نيۇ-يوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئالمىشىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمىسىنى خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى نىزامىغا خىلاپ دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ بەلگىلىمىنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 25 - سىنتەبىر كۈنى "ئىنتېرنېتتىكى خەۋەر ئۇچۇرلار مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى" نى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە، بارلىق خەۋەرلەر چوقۇم " توغرا يۆلۈنۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك" دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە ھۆكۈمەت مۇھىم دەپ قارىغان بارلىق مەسىلىلەردە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور پونكىتلىرىنىڭ پەقەت ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىدىكى خەۋەرلەرنىلا تارقىتىشقا بولۇدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى ئەدەم باياناتىدا "بۇ يېڭى بەلگىلىمە خىتاينىڭ سىياسىي جەھەتتە ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ" دېدى.

ئۇزۇندىن بۇيان تەنقىدچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلپ، " دۆلەت مەنپەئەتى" ، " دۆلەت بىخەتەرلىكى" دېگەندەك مۈجىمەل سۆزلەر بىلەن، ئوخشاش بولمىغان پىكىرنى بايان قىلغان كىشىلەرنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، Yahoo, Microsoft ۋە گوئوگلە قاتارلىق خەلقئارا ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى ، خىتايدا پۇل تېپىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشىغا ماسلىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.