خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلىك ئايال يازغۇچىنىڭ تور بېتىنى پىچەتلىدى
2006.07.31
خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلىك ئايال يازغۇچى سېرىن ئوسېرنىڭ " تىبەت مەدەنىيىتى" ۋە " داچى" دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تور بېتىنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەنلىكى ۋە تىبەت ۋەزىيىتىگە دائىر نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تاقىۋەتتى.
بۇ ئىككى تور بېتى تىبەت ياشلىرى ئەڭ كۆپ كىرىدىغان تور بەتلەردىن بولۇپ قالغان ۋە تىبەتتىكى ئەيدىز كېسىلىدىن تارتىپ، تىبەت تۆمۈر يولى ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى تىبەت ۋەزىيىتىگىچە بولغان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. بۇ مەسىلىلەر خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى 1951 - يىلى تىبەتنى " ئازات " قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بېرى مۇنازىرە قىلىنسا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىئارام بولىدىغان مەسىلىلەر ئىدى.
" تىبەت مەدىنىيەت تورى" نىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋاڭشيۇ سەيدەن، " بىز 28 - ئىيۇل كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن تور بېتىمىزنىڭ تاقالغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدۇق" دەيدۇ. لېكىن ئۇ تور بېتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى بىلمەيدىكەن. ئەمما تور بېتىنى تاقاش بۇيرۇقى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئوسېر ھەر ئىككىلا تور بېتىنىڭ تاقالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، بۇنى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ۋەقە، دەپ تەكىتلىگەن.
سېرىن ئوسېر، " جۇڭگودا كىشىلەرنىڭ بۇ خىل مۇھىت ئاستىدا توغرا كۆز قارىشى ۋە ئاۋازىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى تەس"دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىغان بىر پارچە شېئىر يېزىپ ئۇنى 6 - ئىيۇل كۈنى " مەدەنىيەت تورى" دا ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى 2003 - يىلى ئوسېرنىڭ تىبەت ھەققىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى مەزمۇن قىلغان " تىبەت خاتىرىلىرى" ناملىق ئەسىرىنى چەكلىگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى "خىتاي ئەسىرى" تور بېتىنى تاقىدى
- خىتاي ئىنتېرنېت قارا تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقتى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوغداش لايىھىسىنى قوللىدى
- خىتاي ئېنتېرنېت تور بەتلىرىگە قاراتقان نازارىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە
- مارگوت: ياۋروپا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىغا ياردەم قىلماقتا