ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاينى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىپلىدى


2007.11.30

مەركىزى نيۇيورك شەھىرىدىكى ئامېرىكا يۇمشاق دېتاللار بىخەتەرلىك شىركىتى McAfee، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىنتېرنېت ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى. مەزكۇر شىركەت پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلەپلا قالماي، ئىنتېرنېت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇنيادىكى 120 دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ئاكتىپ ئورۇندا تۇرماقتا. دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا ، گېرمانىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى McAfee شىركىتىنىڭ دوكلاتىدىكى بايانلارنى رەت قىلىپ، جۇڭگو ئىنتېرنېت سېستىمىسى باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى قايسى دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنى نەقىللەپ، بۇ خەۋەرلەردە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئوينىغان رولىنى ئېتىراپ قىلغان، دەپ يازدى. دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ "خىتاي دۇنيادا ئىنتېرنېتنى ھۇجۇم قورالى سۈپىتىدە ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن 1 - قېتىم قوللانغان دۆلەت " دېگەن سۆزىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.