خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىراننى زىيارەت قىلىدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىراننى زىيارەت قىلىپ، تېھراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لى جاۋشىڭ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىدە ئىران ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئايرىلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىش پروگراممىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئايرىلغان ئۇراننى ئىشلەپچىقىرىپ، يادرو قورال ياساشتا ئىشلىتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ۋە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىراندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

خىتاينىڭ سودا ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە ئىران بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر ئىران ئۇران پروگراممىسى سەۋەبىدىن خەلقئارادا ئىمبارگوغا ئۇچرىسا، خىتاينىڭ مەنپەئەتىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ. خىتاي نۆۋەتتە ئىران بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئىران نېفىت مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىراندىن يىلىغا 10 مىليون توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش ھەققىدە سودىلاشماقتا. (ئارزۇ)